بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ 28-ئىيۇل تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تەنبىھ بېرىشكەن.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ 28-ئىيۇل تېلېفوندا كۆرۈشۈپ يېقىندا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپ قالغان. شى جىنپىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ ئوت بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، جوۋ بايدېن شى جىنپىڭنى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە باشقا مۇھىم بولغان بىر قاتار رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە گۇرۇپپىلار بويىچە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. بايدېن تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «شى جىنپىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي-ئامېرىكا بىرلەشمە باياناتىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئەھدىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئەھدى بولسا «بىر خىتاي» پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» دېيىلگەن.

شى جىنپىڭ يەنە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش، يەر شارى سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، يەر شارى ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەردە ئالاقىنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېنغا «ئوت بىلەن ئويناشقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ» دېگەن سۆزىدىن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئاكتىپ ئالامەتلەرنى كۆرۈشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەزەلدىن بۇ تۈردىكى قېلىپلاشقان سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدىمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوخشاش سۆزنى قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرغاندىمۇ ئوخشاش سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ سۆزنى شى جىنپىڭمۇ تەكرارلىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ سۆزى نەنسى پېلوسى كېلەر ھەپتە تەيۋەننى زىيارەت قىلسا، خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتكە تەييار ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئامېرىكىغا ھازىرقى يولىنى داۋاملاشتۇرسا، ئاخىرىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دېيىلگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بەزى تەھلىلچىلەر، پېلوسىنىڭ خىتاينىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى خىتاي تەرىپىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئابرويىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنۇش دەپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىچىك تىپتىكى توقۇنۇش كېلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «تاشتەك مۇستەھكەم» مۇناسىۋەتنى قايتا تەكىتلىدى ۋە پرېزىدېنت بايدېننىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىغانلىقىنى، قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى بىرلىكتە قوغدايدىغانلىقىنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1050 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2022 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق