ب د ت «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 27-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ كومىتېت بۈگۈن ئېلان قىلغان ھۆججەتتە كۆرسىتىشىچە، «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، كومىتېت خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قانۇننى خوڭكوڭدىكى ئامما ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن مەسلىھەتلەشمەي تۇرۇپ ماقۇللىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە ئىكەن. بۇ كومىتېت «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ تېزدىن يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن 2020-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 12 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق ئادەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك باھانىسى بىلەن قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ئارقىلىق 12 نەپەر ئادەمگە 44 تۈرلۈك جىنايەت بېكىتىلگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن جىنايەتلەر قانۇندىكى تۆت تۈرلۈك جىنايەتنى ئاساس قىلمىغان. شۇ سەۋەبلىك بۇ كومىتېت خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىن كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى بىكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر قانۇننى يولغا قويۇشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ب د ت نىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى 1997-يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن بۇرۇن خوڭكوڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپى ئاخىرلاشمىغان. ئۇ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ كونكرېت تەۋسىيەنى يولغا قويۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىدىكەن. 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە تەپسىلىي ئەھۋاللار ھەققىدە كومىتېتقا دوكلات سۇنۇپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى بىكار قىلىش، خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى توختىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2022 11:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق