خىتاي بۇ قېتىم ئاتالمىش «ئىسلام ئىنستىتۇتى»نى تەشۋىقات كوزىرى قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشىدىن بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا «دىنىي زاتلار»نى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى يالغان مەيدان، يالغان گۇۋاھچىلارنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم خىتاي رېجىمى ئاتالمىش ئىسلام ئىنستىتۇتى بىلەن خىتايغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىيازنى ئوتتۇرىغا چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي رېجىمى 26-ئىيۇل ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاي يىللاردىن بېرى تەشۋىقات كوزىرى قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە ئىنستىتۇتنىڭ قورچاق رەئىسى ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىيازنى زىيارەت قىلغان ساختا كۆرۈنۈشلەر بىلەن مەخسۇس قىسقا فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان.

خىتاي بۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بولۇپ، كۆز بويامچىلىق بىلەن، يىللاردىن بېرى چەكلىنىپ كەلگەن دىنىي كىتابلارنى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنىدىغان يەرگە تىزىپ قويغان. خىتاي يەنە ئىنستىتۇتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان ساختا كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئوقۇتۇشنىڭ نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىقىدەك يالغان ئۇچۇرنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان.

مەزكۇر قىسقا فىلىمدە ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «مەن ئالتە قېتىم ھەج قىلغىلى باردىم، بىر نەچچە دۆلەتنى ساياھەت قىلدىم... ئىنستىتۇتتىكى دەرسلەرنىڭ %70 ى ئىسلامىي بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلايدىغان يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىممۇ ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىيازغا ئوخشاش ياللانما خادىملىرى ۋە ساختا مەيدانلار ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ھالبۇكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئۆلىمالارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاينىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1203 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2022 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق