تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز باڭكوكقا يىغىۋېلىنىشى ئەندىشە قوزغىماقتا

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ باڭكوڭتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يىغىۋېلىنىشى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ھەققىدە قايتىدىن ئەندىشە قوزغىغان بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئېھتىماللىقنى ئىنكار قىلغان.

بىر نەچچە كۈندىن بېرى تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز تايلاند پايتەختى باڭكوڭتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيگەن.

تايلاند ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تايلاندىكى ئىسلامىي كېڭەش ۋە باشقا يەتتە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھۆكۈمەتتىن بۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تايلاندىكى خەلق ھوقۇقى فوندىنىڭ رەئىسى چالىدا تاجاروئېنسۇك ئۇيغۇرلارنىڭ باڭكوكقا يىغىۋېلىنىشىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن يۈز بەرگەن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: «خەۋەر مەنبەيىمىز بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىن يىغىۋېلىنغانلىقىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۇئان پىلۇ كۆچمەنلەر يىغىۋېلىش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ھازىرچە پەقەت ئۇلارنىڭ شۇ جايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 56 بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ پىراچۇپ خېرىخان ئۆلكىسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.

تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئايدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 173 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سالغان بولۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇ پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 937 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2022 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق