خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيتىلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقان بولۇپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان يەنە بىر ھاۋا يولى كۆپەيگەن.

خەلق تورىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن، خىتاي بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ KN2207 بېيجىڭ-تۇرپان يولۇچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، قاراماي، كورلا، ئاقسۇ، شىخەنزە ۋە قۇمۇل قاتارلىق تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇملاردىن باشقا، بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن يەنە بىرى كۆپەيگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ-تۇرپان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە خىتاي بىرلەشمە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتنايدىكەن. سەپەرگە تەخمىنەن ئۈچ يېرىم سائەت كېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستانغا نۇرغۇن ساياھەت ھۆددە ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى داۋاملىق زىچلاشتۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق كۆپلىگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنى، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل نىيىتىگە يېتىشنى پىلانلىغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتمەكتە ۋە شۇنداقلا تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى خىتايغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، كۆچمەن كۆچۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 976 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2022 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق