خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايىتى داۋاملاشماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئۆي-ئىمارەتلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ كەلگەن بولۇپ، دائىرىلەر بۇ قېتىم يەنە زور تۈركۈمدىكى ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

خىتاي بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتى بىلەن، ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونىنى يېڭىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆي-ئىمارەتلەر، ھويلا-ئاراملارنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ كەلگەنىدى ۋە بۇ ئارقىلىق يەنە خەلقنى تېخىمۇ زىچ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، نازارەت ۋە كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى»، «كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش» دېگەندەك ناملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە ئىسلامىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلەتكەن بولۇپ، 30-ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستان بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 1156 ئولتۇراق رايوننى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكىتى 192 مىڭ 400 ئائىلىگە چېتىلىدىكەن، نۆۋەتتە ئىش باشلاش نىسبىتى %90.81 كە يەتكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى قەشقەر يېڭى بازارنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن. ئۇندىن باشقا قەشقەر ۋىلايىتى 2021-يىلى ئاتالمىش «شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا 201 ئولتۇراق رايون، 616 بىنا، 1 مىليون 150 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 14 مىڭ 549 ئائىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلىرىنى چىقىپ ئۆزگەرتكەن. پىلاننىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزلارنى، مەھەللە، قوشنىدارچىلىق كۈلتۈرىنى ۋە بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق مەقسەتلەرگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2022 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق