دوكلات: دىۋىزىيەلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان

ئەنگلىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەلىرىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدە ھەل قىلغۇچ ۋە يادرولۇق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزى 26-ئىيۇل «تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش: خىتاينىڭ كۆچمەن گۇرۇپپىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، زومىگەرلىك بىلەن يەر-زېمىن ئىگىلىۋېلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە دىنىي، مىللىي كىملىكىنى باستۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مۇستەملىكە ئورگىنى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەربىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن دىۋىزىيەلەرنىڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلانغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم جازا لاگېرلىرىنىڭ دىۋىزىيەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئىچىگە سېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق زاۋۇت-كارخانىلار ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى، دىۋىزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرغانلىقى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. شۇنداقلا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ۋە دىۋىزىيەگە چېتىشلىق تاموژنا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان.

ۋاشىنگتوندىكى بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەر 2900 غا يېقىنلىشىدىكەن. دىۋىزىيەلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چېتىلىدىغان شىركەت-كارخانا ۋە ئورگانلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 862 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 808 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2022 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق