100 دىن ئارتۇق ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 29-ئىيۇل ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەردە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلماقچى.