خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش جىنايىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، تارىم نېفىتلىكىدىكى «بوز−دابېي» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر تەبىئىي گاز رايونىدا 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئېچىش قۇرۇلۇشى باشلانغان.
خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە يېڭى نېفىتلىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشقا زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتقان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئۈچ مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان تارىم نېفىتلىكى بوز−دابېي ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر گازلىق رايونىنىڭ 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئېچىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ خىتايغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قېتىشما گازلىقى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئېچىش قۇرۇلۇشى بىر تەبىئىي گاز بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى، تەبىئىي گازنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى، قېتىشما نېفىتنى سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى 2023-يىلى 15-نويابىر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان.
مەزكۇر تەبىئىي گاز رايونى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كېلا−كېشېن چوڭ گازلىق رايونىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى يىللاردا بايقالغان يەنە بىر «بىر تىرىليون كۇب مېتىرلىق» چوڭ تەبىئىي گاز رايونى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، بوز−دابېي تەبىئىي گاز رايونىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليارد كۇب مېتىرغا، قېتىشما نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 20 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.
خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، تارىم نېفىتلىكى بوز−دابېي تەبىئىي گاز رايونىدا 60 نەچچە يېڭى قۇدۇقنى بۇرغىلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ گازلىق يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون توننىلىق ئېشىش سۈرئىتى بويىچە تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولىدىكەن. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، قېتىشما نېفىتنى مۇقىملاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە نېفىت، تەبىئىي گازنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توشۇش تۇرۇبا يولىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئاساس قىلغان يەر يۈزى رامكا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، تەبىئىي گازنى كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى 17 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىردىن 37 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىرغا ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئۇندىن باشقا مەزكۇر تەبىئىي گاز رايونىدا ئېچىلغان قېتىشما نېفىت-تەبىئىي گاز تەركىبىدە ئاروماتىك ھىدروكاربون، يېنىك ھىدروكاربون قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ھىدروكاربون تەركىبى بار بولۇپ، خىتاي جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك نېفىت خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيالى ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان تەبىئىي بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ بولسا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ