خىتاي ئۇيغۇرلارنى ب د ت ئەمەلدارىغا مەكتۇپ يوللاشقا مەجبۇرلىدى

خىتاي رېجىمى ب د ت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ساھەلەردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تاللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ يېزىشقا مەجبۇرلىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى يالغان مەيدان، يالغان گۇۋاھچىلارنى تەييارلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم خىتاي رېجىمى ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ يوللاشقا مەجبۇرلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش» نامىدا ھەرقايسى قاتلامدىن بىر تۈركۈم خەلقنى تاللاپ، ئېلخەت ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتقا يالغان گۇۋاھلىقلار بىلەن تولغان مەكتۇپ ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان.

خىتاي رېجىمى مەكتۇپ يېزىشقا مەجبۇرلانغانلارنىڭ بىر قىسمىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قىلىپ كۆرسەتسە، يەنە بىر قىسمىنى خىتاي «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ جار سېلىپ كەلگەن جازا لاگېرلىرىدا تەربىيەلەنگەنلەر قىلىپ كۆرسىتىپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماش، كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. مەكتۇپ يازغانلارنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشىغا سادىقلىق بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن، سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، مەمەت جۈمە قاتارلىق ئاتالمىش «دىنىي زات»لار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىشېل باچېلېتقا ئەۋەتكەن مەكتۇپلىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ قېلىپلاشقان ئىبارىلىرىنى تەكرارلاپ: «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلەنمەيدۇ. ھەر مىللەت خەلقى ئىناق، خاتىرجەم ياشىماقتا» دەپ بىلجىرلاشقان. ئۇندىن باشقا خىتاي تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىمۇ مەكتۇپ يېزىشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتاينىڭ تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ باياشات، ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى يېزىشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاپ، يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىمۇ بۇرمىلاپ، تەشۋىقات كوزىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىۋاسىتە ب د ت ئەمەلدارىغا يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە، شۇنداقلا بۇ قىلمىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن توسۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 915 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2022 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق