خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى دەرسلىكلەرگە يېڭى مەزمۇن قوشۇشنى پىلانلىدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى»نى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى زور تۈركۈمدە جازا لاگېرى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، سىياسىي ئۆگىنىش، كومپارتىيە نىزامنامىلىرىنى يادلاش، قەسەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ ئىجراسى سۈپىتىدە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىبارىسىنى كۆپلەپ تەكىتلەپ، بۇ پىكىرنى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرگە كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۇ سىياسەتنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى.

خىتاي مائارىپ گېزىتىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم» ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار تەرەققىيات پىلانى (2025-2021)»نى بېسىپ تارقاتقان.

خەۋەر ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلاننى بېسىپ تارقىتىشتىكى مەقسەتلىرىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى خىتاي رېجىمى تەكىتلەۋاتقان خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك ئېڭىنى سىڭدۈرۈش بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى»نى مائارىپ ئوقۇتۇش پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنلاشتۇرغان.

خىتاي رېجىمى مەزكۇر پىلان ئارقىلىق دائىرىلەردىن ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ياشلار ئارىسىدا سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنى، كومپارتىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى، كومپارتىيە تارىخى ھەققىدىكى تەشۋىق ۋە تەربىيەنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل تارىخىنى ۋە خىتايدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەجبۇرىي تېڭىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۆزىلا ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاشكارا ھالدا قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە كۈچەيتكەن تەشۋىقاتلىرى خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتىنى يوشۇرۇن ئىپادە قىلغان بولسا، مەزكۇر ئاسسىمىلياتسىيە پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى زورلاپ تېڭىش قارا نىيىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 816 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2022 10:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق