خىتاينىڭ بىر نەچچە شەھىرى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ دۈشەنبە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان. ئاگاھلاندۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.
يېقىنقى ئايلاردا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە خىتايدىمۇ زىيادە ئىسسىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ 149 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، 40.9 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا جېجياڭ ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىدىمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 41 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە غەربىي شىمالىدىكى رايونلىرى بارلىق دالا پائالىيىتىنى توختىتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاھالىلەر ۋە زاۋۇت-كارخانىلار ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆپلەپ ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك، توك تەمىنلەش سىستېمىسىغا بېسىم پەيدا قىلغان. خىتايدىكى بىر قانچە چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توك ئىشلەپچىقىرىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بەزى خىتاي ئۆلكىلىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كوچا چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈش، كارخانىلاردىن يۇقىرى سوممىدا توك پۇلى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ