مۈرىگە قويۇپ ئېتىلىدىغان يۆتكەشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى - سۇنگۇرنىڭ يېڭى تىپى تۈركىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى ئىسمائىل دېمىر تىۋىتتېر ھېسابىدا يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا يۆتكەشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سۇنگۇرنىڭ سۇپىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان نۇسخىسىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياساپ چىقىلغانلىقىنى، بىر ئەسكەر مۈرىسىگە قويۇپ ئاتالايدىغان بۇ يېڭى تىپتىكى قورالنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى، بۇ قورالنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغان سۇنگۇر قورال سىستېمىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مەزكۇر قورال ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، سۇنگۇر قورال سىستېمىسىنىڭ ئوخشاش تىپتىكى قوراللارغا سېلىشتۇرغاندا مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، دۈشمەن نۇقتىلىرىغا كۆرگىلى بولمايدىغان جايدىن قايمۇقتۇرۇشقا قارشى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق پەرقلەندۈرگۈچ باش سەپلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنى سىرتقا بېقىنىشتىن ساقلايدىغان سىستېما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىسمائىل دېمىر بىر ھەپتە بۇرۇن يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان شاھىن 40 مىللىمېتىرلىق فىزىكىلىق ۋەيران قىلىش سىستېمىسىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى، مۇھىم نۇقتىلارنى قوغداش ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ قورالنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ