ئەنگلىيە باش ۋەزىر نامزاتى: بارلىق كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقايمەن

ئەنگلىيە باش ۋەزىر نامزاتى رىشى سۇناك ئەگەر ئەنگلىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى بولۇپ قالسا، خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە، شۇنداقلا دۇنيا بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ سابىق مالىيە ۋەزىرى، نۆۋەتتىكى باش ۋەزىر نامزاتى رىشى سۇناكنىڭ بۇ ۋەدىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باش ۋەزىر نامزاتى، رەقىبى لىز تىرۇس ئۇنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇندىن ئىلگىرى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» رىشى سۇناكنىڭ ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېنىق ۋە ئەمەلىيەتچىل كۆز قارىشى بار بىردىنبىر نامزات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رىشى سۇناك ئەنگلىيەدىكى 30 ئورۇندا تەسىس قىلىنغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل ئۆگىتىش پىروگراممىسى ئارقىلىق كېڭەيتىۋاتقان يۇمشاق كۈچىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپلەرنى 60 مىڭ دوللاردىن ئاشقان چەت ئەل مەبلىغىنى ئاشكارىلاشقا ۋە تەتقىقات ھەمكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەسىرىنى تازىلاشقا ۋەدە بەرگەن.

رىشى سۇناك يەنە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىچى جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان ھەربىي ئىستىخبارات بەشىنچى باشقارمىسىنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ تور بوشلۇقىدىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇسلۇبىدا خەلقئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەزگۈر تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي بىزنىڭ تېخنىكىمىزنى ئوغرىلاپ، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزغا سىڭىپ كىردى. رۇسىيەنىڭ نېفىتىنى سېتىۋېلىپ، پۇتىننى قوللىدى ھەمدە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنىلىرىنى بوزەك قىلماقتا» دېگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە خوڭكوڭ خەلقىنى تۇتقۇن قىلىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رىشى سۇناك خىتاي ھەققىدە يەنە: «ئەمدى يېتەر، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئەنگلىيە ۋە غەربتىكى سىياسىيونلار خىتايغا قىزىل پاياندازلارنى سېلىپ قارشى ئېلىپ، خىتاينىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىغا، قارا نىيىتىگە كۆز يۇمدى. مەن باش ۋەزىر بولغان كۈنى بۇلارنى ئۆزگەرتىمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىك سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققۇچى 5-سېنتەبىر ئېلان قىلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 897 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2022 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق