خىتاي بۇ يىللىق زور كۆلەملىك يالغان تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىللىق زور كۆلەملىك يالغان تەشۋىقات پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك خىتايغا قارشى بىر قىسىم ئېمبارگولارنى يۈرگۈزدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە 2022-يىللىق ئاتالمىش «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» باش تېما قىلىنغان ساختا تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2022-يىللىق ئاتالمىش «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك تور پائالىيىتىنى 23-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە باشلىغان. بۇ پائالىيەتكە خىتاي مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، توردا تارقىتىش ئىدارىسى، تور جەمئىيەت خىزمىتى ئىدارىسى باشچىلىق قىلغان. بۇ ھەقتىكى مەخسۇس يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، خىتاي گېزىتى تورى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ئەمەلدارلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشات بولدى. چەت ئەللىك داڭلىق تور مەشھۇرلىرىنىڭ قولىدىكى قەلەم ۋە فوتو ئاپپارات ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بىلجىرلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن چەت ئەللىك ياللانما تەشۋىقات قوشۇنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

خىتاي ئەمەلدارلار يەنە: «بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش، توردا ئېنېرگىيە توپلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك» دەپ جار سالغان بولۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 2021-يىلىمۇ ئاتالمىش «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» تېمىسىدا زور كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ، تور دۇنياسىدا يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتى تەشكىللىگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قىسقا سىن ئېلان قىلىنغان، كۆرۈلۈش قېتىم سانى 14 مىليارد قېتىمدىن ئاشقان. يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەزكۇر سىنلار ئون خىل تىلدا تارقىتىلغاندىن سىرت، خەلقئارادىكى خىتاينى قوللايدىغان باشقا تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ تور سۇپىلىرىدا ئۇلاپ تارقىتىلغان. بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك ساختا تەشۋىقات پائالىيىتى ئالدىنقى يىللىق ئاتالمىش «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» تېمىسىدىكى تور تەشۋىقاتىنىڭ كېڭەيتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇلتۇر 12-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ چەت ئەللىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەشھۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، مەزكۇر تور مەشھۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قوشۇنىغا ئايلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا 2020-يىلى يانۋاردىن 2021-يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان 546 پارچە سىن، يازمىلارنىڭ يوللانغانلىقى، بۇ مەزمۇنلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان 13 چەت ئەللىك تور مەشھۇرى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 914 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2022 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق