دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتى 31-ئىيۇل زور كۆلەملىك خەلقئارالىق نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۆپلەپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەپ زور تەسىر قوزغىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتى 31-ئىيۇل يەنە بىر قېتىم زور كۆلەملىك خەلقئارالىق نامايىش تەشكىللىدى.
«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر نامايىش بۇ ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون، مانچېستېر شەھەرلىرى، شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبۇرگ شەھىرى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نىيۇيورك، لوس-ئانژېلېس شەھەرلىرى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسبېين شەھىرى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى خىتاينىڭ ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى ئالدىغا ياكى مۇھىم جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىش كۈنىگىچە يەنە باشقا دۆلەت، شەھەرلەرگە كېڭىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىر نەچچە كۈندىن بېرى مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئاۋاز قوشقان ئىسلام ئۆلىمالىرى، دەۋەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر ۋە شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى نامايىشنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنى بۇ زور كۆلەملىك نامايىشقا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم