شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ۋە چەت ئەلگە توشۇشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 91 مىليارد 510 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 39.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدىن 29.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ كۆلەملىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى بىر قىسىم دېڭىز تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خىتاي ۋە چەت ئەلگە توشۇش مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول ۋە باشقا تاموژنا ئېغىزلىرى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز سانى، يۈك توشۇش مىقدارى ۋە تۈرى داۋاملىق ئېشىپ ماڭغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن قارىغاندا، تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي ئەھۋالى كۆپەيتىلگەن. ئالدىنقى ئالتە ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 74 مىليارد 740 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 49.3 ئاشقان.

ئالدىنقى ئالتە ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 32 مىليون 788 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن خىتايغا سېلىشتۇرغاندا 5-ئورۇندا تۇرغان. پەقەت 6-ئايدىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 24 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 68.5 ئېشىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

ئۇندىن باشقا ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 82 مىليارد 400 مىليون يۈەن ۋە 5 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 45.7، 18.9 ئاشقان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى خەلقئارالىق بېسىم ئالدىدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بۇ نەتىجىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئېكسپورت ئۇدا ئالتە ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 ئاشۇرۇلدى» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2022 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق