5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەجداد تەنتەربىيەسى فېستىۋالى 23-ئىيۇل بۇرسادا باشلانغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا مەخسۇس چېدىر قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەجداد تەنتەربىيەسى فېستىۋالى بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى، كىلىس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇرسا كۈلتۈر ساياھەت ۋە تەشۋىقات بىرلىكى، تۈركىيە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە شۆبىلىرى بىرلەشمىسى، دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە بىرلەشمىسى، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى شەھەرلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار ئىشتىراك قىلدى.
فېستىۋالدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىرلىكتە مەخسۇس ئايرىلغان چېدىردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى.
پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان چېدىرىغا قويۇلغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى ۋە يەرلىك خەلقىنى جەلپ قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ