خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سۈنئىي «تارىخىي شەھەرلەر»نى ياساپ چىقماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاش ئۈچۈن، بىر قىسىم يالغان تارىخىي ئورۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە ئېمبارگولارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى بىر تەرەپتىن ھەر خىل يالغان مەيدان، يالغان گۇۋاھچىلارنى تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى باغچى يېزىسى بازار بويى كەنتىدە يېڭىدىن «يوتقان قەدىمىي شەھىرى»نى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر ساياھەت ئورنىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى» بىلەن خوتەن ناھىيەلىك دائىرىلەر بىرلىكتە ياساپ چىققان. خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشى  ئىكەنلىكى، 21-ئىيۇل ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «يوتقان قەدىمىي شەھىرى»نىڭ قۇرۇلۇش ئورنى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. مەزكۇر قۇرلۇش يېمەكلىك كوچىسى، خەلق قونالغۇ مېھمانخانىسى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىق بىر نەچچە رايونىنى ئۆز  ئىچىگە ئالىدىكەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى شۇكى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى «يوتقان قەدىمىي شەھىرى»نىڭ قەدىمكى خوتەن پادىشاھلىقىنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىنى ئاساس قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سۈنئىي قەدىمىي شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي خىتاي ئۇسلۇبى بويىچە سېلىپ چىققان.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ماخمۇت مامۇت «يوتقان قەدىمىي شەھىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «يوتقان كونا شەھەر تۈرىنىڭ تاماملىنىشى خوتەن ناھىيەسى، ھەتتا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە تارىخىنى قېزىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ تارىخىي كىتاب ۋە باشقا ئەسەرلەردە كۆرسىتىلگەن» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى يېڭىدىن سۈنئىي بەرپا قىلىنغان «يوتقان قەدىمىي شەھىرى»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي خىتايچە ئۇسلۇبتا، راۋاق چىقىرىلغان شەكىلدە سېلىنغان، كىرىش ئىشىكىگە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان تاشتىن ياسالغان شىر ھەيكەل قويۇلغان، ھويلا قىسمىغىمۇ خىتايلارنىڭ تارىخىي شەخسلىرىنىڭ ھەيكەللىرى تىكلەنگەن. ئۇندىن باشقا بۇ ساياھەت ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارتىسلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتىگە يات بولغان، پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ لايىھەلەنگەن كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا خىتايلارنىڭ قەدىمىي كىيىملىرىنى كىيگەن ئارتىسلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئەزەلدىن بۇ قەدىمىي دىياردا ياشاپ، باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىگە نومۇسسىزلارچە ئىشارەت قىلىنغان.

يېقىنقى  كۈنلەردە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ئورۇنلىرىنى بۇرمىلاش، ئىسىم ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتكەن. ئالدىنقى كۈنلەردىكى خەۋەرلەردە خىتاي رېجىمىنىڭ ھازىرقى جىمىسار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنىڭ ئورنىدا تاڭ سۇلالىسىغا ئالاقىدار «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېيى»نى قۇرۇپ چىققانلىقى، 14-ئىيۇل رەسمىي ئېچىۋېتىلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ھېچقانداق ئارخېئولوگىيەلىك دەلىلى بولمىغان بۇ سەپسەتىسىنى ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئۇندىن باشقا شى جىنپىڭ ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى سەككىز يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»نى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىمۇ دىققەت قوزغىغانىدى. ئانالىزچىلار شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاش، قايتىدىن يېزىپ چىقىش ئۇرۇنۇشلىرىنى مۇھىم ئىشلار قاتارىغا تىزغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئايرودۇرۇم ۋە ساياھەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ئورۇنلىرىنىڭ ناملىرىنى، خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە، سۈنئىي تارىخىي ئورۇنلارنى خىتاينىڭ ئېھتىياجى بويىچە ياساپ چىقىشقا زور مەبلەغ ئاجراتماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1053 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2022 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق