ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئىككىنجى باسقۇچلۇق يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىدى

ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئىككىنجى باسقۇچلۇق يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىدى

17- ئاۋغۇست دۇنيا بۈلتەنى تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى (UNHCR) بايانات ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىقلاردىن قاچقان مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ، بىنگالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىن بىرماغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىش ئۈچۈن ئىككىنچى ھەرىكەتنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، بىنگال تەرىپىدىن 22 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر ئىسمىنىڭ بىرماغا ئەۋەتىلگەنلىكى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلاردىن 3500 كىشىنىڭ قايتىشىنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بېنگال مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە يۇرتىغا قايتىش كومىسسارى ئابۇل كالام بېنگال پايتەختى داككادا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 3500 كىشىنىڭ كىملىكلىرىنىڭ بىرما تەرىپىدىن توغرىلانغانلىقىنى، ئىسمى بىرما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خالىسا بىرماغا قايتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى ئاۋستىرالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ 2018-يىلى دېكابىردىن 2019-يىلى ئىيۇنغىچە سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلىپ تەييارلىغان دوكلاتىدا، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان.

-2018يىلى نويابىردا 2 مىڭ ئەتراپىدا ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ بىرماغا قايتىش پىلانى، مۇساپىرلارنىڭ ب م ت نىڭ قوغدىشى بولماستىن بىرماغا قايتىشنى  خالىمىغانلىقى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان.  ب م ت بالىلار فوندى 900 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان بىنگالدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ بالدۇرراق يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن، بىرما ھۆكۈمىتىگە كېرەكلىك شارائىتلارنى ھازىرلاشقا ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 10973 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2019 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق