ئۈرۈمچىدە بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى 23-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ مال توشۇش رايونىدىكى خىزمەتچىلەرگە قارىتا ھەركۈنى داۋام قىلىۋاتقان تەكشۈرۈش جەريانىدا، دەسلەپكى يادرو كىسلاتاسى سىنىقىدا بىر كىشىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكى بايقالغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر بىمار يېپىق ھالەتتىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئايرىپ كۆزىتىلمەكتىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىش رايونىغا يۆتكەلگەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى بىر بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىملىق خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى دولقۇنىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان بولۇپ، نازارەت ۋە كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنىمۇ قوزغىغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2022 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق