خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا بۇ يىل غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقان

خىتاي رېجىمى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق بېسىملارغا قارىماي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە 70 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق تۈردىكى قۇرۇلۇشى تېزلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا 70 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىغان. ئىش باشلاش نىسبىتى 87.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر ۋە نەق پۇل بېرىش، خىزمەت بىلەن تەمىنلەش، نوپۇس يۆتكەشنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈپ كەلگەنىدى. يېقىندا خىتاي رېجىمى يەنە شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنزىرىلىك رايونلىرىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش، كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتىكى ئېلان ۋە تەشۋىقاتلار خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە كۆپەيگەندىن سىرت، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يوللىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىش ئارقىلىق، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىشتە يول راۋان بولماسلىقتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق نۇقتىلارنى چىڭ تۇتقانلىقى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىكتە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان. خىتاي رېجىمى ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى زور تۈركۈمدە كۆچۈرۈپ كېلىشكە شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن، 370 نۇقتىلىق تۈرگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 117 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان 70 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە كەسىپ ساھەسىدىن قارىغاندا، G314 لىنىيەسىنىڭ باغقۇدۇق-يۇلغۇن تاشيولى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى قاتارلىق 17 زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان. ئاتالمىش «شىنجاڭ» لەنشەن تۈنخې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈچ قارارلىق يىلىغا 104 مىڭ توننا بۇتاندىئول ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ جۇڭتەي چاڭدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى»نىڭ 1000 دانە يۈرۈشلۈك بوياقچىلىق تۈرى قاتارلىق 35 كەسىپ تۈرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان. ئۇندىن باشقا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى قەشقەر دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى، چىڭگىل ناھىيەسى قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق 18 مۇھىم تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپلەپ بۇلاڭ-تالاڭ  قىلىش ئۈچۈن، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە 49 مىليارد 130 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. سالغان مەبلەغ يىللىق پىلاننىڭ 49.6 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 8.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. ئۇندىن باشقا قىزىل دەرياسى شات سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، پىچاندىكى (تۇرپان-قومۇل) 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىككى نۇقتىلىق تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خېجىڭ ناھىيەسىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى، توقسۇندىكى پاكىز ئېنېرگىيە كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق يەتتە ئېنېرگىيە تۈرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان. خىتاي يەنە فېڭخۇاڭ-ئۈرۈمچى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يەكەن دەرياسى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تارىم نېفىتلىكى نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرگە ئاجراتقان مەبلەغنىڭ سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

خىتاي رېجىمى ئالدىنقى يېرىم يىلدا يەنە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش سىستېمىسىغا 56 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. ئۇندىن باشقا نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپ سىستېمىسىغا 39 مىليارد 160 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ جەرياندا يەنە ئاقسۇ-ئارال تۆمۈريولى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولى قاتارلىق ئالتە تۈرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇلارغا چېتىلىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 36 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قاتناش-تىرانسپورت تورىنى تولۇقلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرگۈن قىلىنغان ياكى قىرغىن قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1040 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2022 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق