ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جەنۇبقا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى «دىنىي پائالىيەتكە چېتىشلىق» دېگەن باھانە بىلەن ئاتالمىش «قانۇنچىلىق تەربىيەسى» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا قەرەللىك سۈرگۈن قىلغان.

بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا، دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتكەن. چەت ئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى «دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتى» دېگەن باھانە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئاتالمىش «قانۇنچىلىق تەربىيەسى» دەرسى ئۆتىدىكەن.

مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەڭرىتاغ رايونىدىن 200 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «تۈزىتىشكە تېگىشلىك كىشىلەر»نى ئېلىپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە 137 ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا چېتىشلىق بولغان، شۇ رايوندىكى مەھەللىلەردە ئاتالمىش «تەربىيە قوبۇل قىلىۋاتقان» بىر بۆلۈك ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ قاتارلىق يەتتە ۋىلايەتكە ۋاقىتلىق سۈرگۈن قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر ئاي ئەتراپىدا ئاتالمىش «قانۇنچىلىق تەربىيەسى»گە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

مۇخبىرلار ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تېلېفون زىيارىتى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگەن ۋە مۇھىم مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. بەزى يەرلىك كىشىلەر بۇ قېتىم سۈرگەن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مىڭغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش ئەندىزىسى»نى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان نۆۋەتتە ئەڭ سەزگۈر رايون بولغاچقا، دائىرىلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا دائىرىلەر بارلىق تۇراقسىز ئامىللارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى يىغىۋېلىشقا باشلىغان. ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى شەكلى ئۆزگەرگەن لاگېرغا قاماش ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «مۇقىملىقىنى قوغداش ئەندىزىسى» خىتاي رېجىمىنىڭ نەزىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دەپ قارالغاچقا، بۇ ئەندىزە خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان. مەسىلەن: ئالدىنقى كۈنلەردە خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بانكىلارنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىغا قارشى نامايىش قىلغان خىتايلارغا «قىزىل كود» قويۇلۇپ نازارەتكە ئېلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 843 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2022 10:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق