شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يېڭى نازارەت دېتالىنى ياساپ تارقاتتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاھالىلەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار بولغان ئۈندىدار ئەپچىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېڭى تېخنىكىلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلغان. ھەتتا ئىسلامىي قائىدە بويىچە سالاملىشىش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ بېكىتىپ، بۇ ئەھۋاللارنى تۈرلۈك تېخنىكىلار ئارقىلىق نازارەت قىلغان ۋە بۇنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنىڭ باھانىسى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چوقۇم تېلېفون ئىشلىتىشكە، ئۈندىدار قاتارلىق مەخسۇس ئەپ دېتاللىرىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلاپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە كونترول قىلىپ كەلگەن. خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە كەڭ ئومۇملاشقان ئەپ دېتاللىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان نازارەت ۋە كونتروللۇقنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىكرو ساقچىسى» ناملىق ئۈندىدار ئەپچىسىنى ياساپ چىققان. مەزكۇر ئەپچىدە كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى قاتارلىق ئالتە خىل ئۇچۇرنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، خەلقنى نازارەت قىلىش تېخىمۇ قولايلاشقان. ئۇندىن باشقا ۋاقىتلىق تۇرۇشنى تىزىملاش، مېھمانخانىغا كىرىشنى تىزىملاش، ئولتۇراقلىشىشنى تىزىملاش قاتارلىق 50 خىلغا يېقىن ئەھۋال ئاستىدا، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا بىلەن ھەقىقىي كىنىشكا ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدىغان قائىدىنى يولغا قويغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر ئۈندىدار ئەپچىسىدە تۇنجى تۈركۈمدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئامانلىق، قاتناش باشقۇرۇش ۋە چېگرا باشقۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى 23 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى تورغا چىقىرىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 952 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2022 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق