يېڭى دوكلات: خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى بۇ دۆلەتلەردە ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 20-ئىيۇل يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆپلەپ يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى، بۇنىڭ ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە بەكرەك ئۈنۈم بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئەڭ كۆپ ۋە نوپۇزلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ كەلگەن ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 20-ئىيۇل يەنە بىر يېڭى دوكلاتىنى ئېلان  قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەت ئەلگە قارىتىلغان تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەسىلىسىدە غەرب دۇنياسىنىڭ تەنقىدىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ساختا خەۋەرلەرنى كۈچەپ تارقىتىپ، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە بولسا خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان يالغان تەشۋىقاتى ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئافرىقىدا ئۈنۈم بەرگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى يالغان تەشۋىقاتىنىڭ كۆپلىگەن ھۆكۈمەت، خەلقئارالىق شىركەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلدۇرغانلىقى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان رايونلارنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە غەيرى غەرب دۆلەتلىرى بولغانلىقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 57 ئەزاسى ئىچىدە پەقەت تۈركىيە بىلەن ئالبانىيەنىڭلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرققە جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاينى ئەيىبلىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى غەرب ئەللىرى ياكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بولغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئوخشىمىغان رايونلارغا قارىتا ئوخشىمىغان تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغان. مەسىلەن: خىتاي ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئەللىرىدە ئىرقچىلىققا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ياخشىچاق بولۇۋېلىش تەشۋىقاتى ئارقىلىق، غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى بۇرىماقچى بولغان.

بۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتچىلار دوكلاتتا خىتاينىڭ فېيسبۇكتىكى يالغان تەشۋىقاتىنىڭ باشقا سۇپىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ فېيسبۇكتىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە بېرىپ ئىنكاس يازىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاز بولۇشى ئىكەن. تىۋىتتېردا ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكتىن، خىتاينىڭ تىۋىتتېر سۇپىسىدىكى يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ئانچە رولى بولمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ  

بۇ خەۋەر 891 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2022 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق