شەرقىي تۈركىستاندا 4.8 بال يەر تەۋرىدى

20-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى شەھىرىدە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بارلىق شەھەر ئاھالىسى كۈچلۈك تەۋرەشنى ھېس قىلغان.

خىتاي يەر تەۋرەش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى 8 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 44.46 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.15 گىرادۇس) دائىرىسىدە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 23 كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 10 سېكۇنت داۋاملاشقان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەۋرەش رايونىدىكى 20 كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدە ئادەم شالاڭ بولۇپ، 50 كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدە 1500 گە ئاھالە بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 427 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىكەنلىكى، تەۋرەش رايونىنىڭ سانجى شەھىرىدىن 50 كىلومېتىر،  ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 74 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە مەزكۇر رايوندا 3 بالدىن يۇقىرى 39 قېتىم يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ ئېغىر تەۋرىگىنى بۇ قېتىملىقى ئىكەن.

خەۋەردە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن سانجى ئوبلاستىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ يەر تەۋرەش مەركىزىگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنلىكى، نۆۋەتتە تەۋرەش رايونىدىن تالاپەتكە ئۇچرىغان ياكى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

 

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2022 09:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق