خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلانماقتا

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ۋە تۈرلۈك جازالىرىغا قارىماي، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاتنىغان تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قېتىم سانى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاتاۋ بىلەن قورغاستىن ئىبارەت ئىككى چېگرا ئېغىزىدا قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 6195 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى بىر قىسىم دېڭىز تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتى ماللىرىنى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، توشۇش مىقدارى تېخىمۇ كۆپەيتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريولدا ئىككى ئېغىز ئارقىلىق چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز سانى، يۈك توشۇش مىقدارى، تۈرى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول تارماقلىرى رەقەملىك تاموژنا سىستېمىسى يولغا قويۇش، ئېكسپورتتا ئۆلچەملىك رېلىسنى كەڭ رېلىسقا ئالماشتۇرۇش، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ نۆۋەت نومۇرىنى قالدۇرۇش، بوش ۋاگونلارنى سەپلەپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

نۆۋەتتە، قورغاس، ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 57 سى بار بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، بېلگىيە، رۇسىيە قاتارلىق 18 دۆلەت ۋە رايونغا يېتىپ بارالايدىكەن، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن قاچىلانغان ماللارنىڭ تۈرى 200 خىلدىن ئارتۇق ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئوخشاش تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ چەت ئەلگە، ھەتتا ياۋروپا ئەللىرىگە توشۇلۇشى يەنىلا توسالغۇسىز داۋاملاشماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 965 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2022 10:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق