شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانى ئوخشىمىغان تەرىقىدە ئىجرا قىلىنماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 2022-يىللىق ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى»غا ئىلتىماس قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ئاساسى قاتلاملىرىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى پىلانلىق ھالدا «تەربىيەلەپ»، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە بۇ تۈرلۈك پىلانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ يىللىق ئاتالمىش «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» تۈرىگە تىزىملىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچى تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا 2022-يىللىق «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى»نىڭ ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى» تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلانغان. ئۇقتۇرۇشتا 2022-يىللىق «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» تۈرىنىڭ يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئاتالمىش نۇقتىلىق رايونلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش بويىچە تەربىيەلەش، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش كوللېكتىپى كۇرسى، ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۇرسى، تايانچ مەكتەپ-يەسلى مۇدىرلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈر بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى» بولسا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قاتلاملار بويىچە تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش، نۇقتىلىق ساھەلەردە مەخسۇس تېما بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇش تۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دىققەتنى تەربىيەلەش مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 2021-يىلى تاللانغان 3800 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، 1200 يەسلى، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىككى يىللىق تەربىيەلەشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى كۈچەپ ئىجرا قىلغانلىقى، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، نەتىجىدە ئۆسمۈرلەرلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى، يۇقىرىقى تەربىيەلەش تۈرىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى قەدەم باسقۇچ ۋە چارە-تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1012 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2022 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق