شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان زور مىقداردىكى كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

شەرقىي تۈركىستاندا كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتاللاردىن ھېسابلىنىدىغان زور مىقداردا بېرىللىي زاپىسى بايقالغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان يەنە بىر كان بايلىقى - بېرىللىي كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددا بولۇپ، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خىل مىنېرال ماددىنى بايقىشى خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 3000 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە مۇخبىر بۇ خىل مىنېرال ماددىنىڭ نەدە بايقالغانلىقى، ئۇنىڭ  كۆلىمى، سۈپىتى قاتارلىقلار مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. بۇ مىنېرال ماددىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇنچىۋالا تارتىشىدىكى سەۋەب بولسا بېرىللىينىڭ قىممىتى ۋە كەم ئۇچرايدىغانلىقى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرىللىينىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش ئورنى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەمەس بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقالغان يېڭى ماتېرىيال بولۇش سۈپىتى بىلەن راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇ «ئەڭ يېنىك مېتال» دېگەن سۈپىتى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىدامچانلىقى بىلەن، ئالىي پەن-تېخنىكا ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بېرىللىي چىرىشكە ئالاھىدە چىدامچانلىقى ۋە يۇقىرى توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، مېتاللورگىيە سانائىتىدىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ماددا بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن مېتاللارنىڭ بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە بېرىللىينىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تېخى تولۇق تەتقىق قىلىنمىغان بولۇپ، يەنىلا زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېرىللىي رۇدىسى قايتا شەكىللەنمەيدىغان بولغاچقا ناھايىتى كەم ئۇچرايدىكەن. بېرىللىي رۇدىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى كۆپىنچە قوڭۇر، يېشىل ۋە قارا رەڭدە بولۇپ، ئوخشىمىغان كانلاردىن قېزىلغان رۇدا ئوخشىمايدىغان رەڭلەردە بولىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىرىستال شەكىلدە بولۇپ، قارىماققا بىر پارچە ئەينەكتەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇندىن باشقا بېرىللىي رۇدىسى ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىلگىرى زەھەرلىك بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا  قول تېگىپ قالسا، خىمىيەلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىچە، گەرچە نۆۋەتتە كونكرېت كۆلەمنى مۆلچەرلىگىلى بولمىسىمۇ، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان بېرىللىي رۇدىسىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى: «ئەگەر بۇ رۇدىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىپ پايدىلانساق، خىتايدىكى بېرىللىي رۇدىسىنىڭ زاپىسى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بايقاش بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت. بىز ئىلگىرى بېرىللىي رۇدىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا باش ئېگىشكە مەجبۇر بولاتتۇق. ئامېرىكا ئۇنى بىزگە سېتىپ بېرىشىمۇ ناتايىن ئىدى. سېتىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرەتتى. بىزنىڭ قەددىمىزنى تىك تۇتىدىغان پەيت كەلدى. ئەمدى باشقىلارنىڭ گېلىمىزنى بوغۇشىدىن ئەنسىرىمەيمىز» دەپ جار سېلىشقان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە غايەت زور مىقداردىكى تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلمەكتە ۋە يېقىنقى يىللاردا بايلىق مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشقا زور مىقداردا خىراجەت ئاجراتماقتا. ئەسلى ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، نامرات ھالەتتە ياشىماقتا. خىتاي ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خورلاشنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1069 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2022 12:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق