خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە ئېمبارگولارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئىككى بىسلىق يول تۇتۇشقا باشلىماقتا. خىتاي رېجىمى بىر تەرەپتىن ھەر خىل يالغان مەيدان، يالغان گۇۋاھچىلارنى تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

تارىخىي جايلارنىڭ نامىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىش خىتاي رېجىمىنىڭ ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ناملىرىنى ۋە مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىرقى جىمىسار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنىڭ ئورنىدا تاڭ سۇلالىسىغا ئالاقىدار «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېيى»نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ھېچقانداق ئارخېئولوگىيەلىك دەلىلى بولمىغان بۇ سەپسەتىسىنى ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنغان. 14-ئىيۇل مەزكۇر مۇزېي رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.

ئۈرۈمچى تېز خەۋەرلەر تورىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بىر قىسىم ئايرودۇرۇملارنىڭ مەقسەتلىك ئۆزگەرتىلگەن ناملىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا: «ئالتاي ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى ئالتاي / شۆدۇ ئايرودۇرۇمى دەپ ئۆزگەرتىلدى؛ كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى كورلا / لىچېڭ ئايرودۇرۇمى دەپ ئۆزگەرتىلدى؛ ئاقسۇ ئونسۇ ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى ئاقسۇ / خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمى دەپ ئۆزگەرتىلدى» دېيىلگەن.

ئالتاي ئايرودۇرۇمى ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان بوشلۇق ئارىلىقى 450 كىلومېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر ئايرودۇرۇمدا 1956-يىلى 10-ئايدا قاتناش باشلانغان. 2025-يىلى يولۇچى مىقدارىنىڭ 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا، پوچتا يوللانمىسى مىقدارىنىڭ 1000 توننىغا يېتىشىدىن ئىبارەت ئېھتىياجنى قاندۇرۇشى مۆلچەرلەنگەن.

كورلا ئايرودۇرۇمى 1967-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 25 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە ئايرودۇرۇمىنىڭ جەمئىي 40 تىن ئارتۇق قاتناش نۇقتىسى بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئايرودۇرۇملارنى قاپلايدىكەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى كۆپلىگەن لىنىيەلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىكەن.

ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى 1966-يىلى قۇرۇلغان، ئاقسۇ شەھىرى مەركىزىدىن 12.5 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 25 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى 25كە يەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1203 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2022 10:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق