دالاي لامانىڭ خىتاي-ھىندىستان توقۇنۇش رايونىنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى، ھىندىستاندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دالاي لاما 2020-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان قانلىق توقۇنۇشقان رايون - لاداخنى زىيارەت قىلدى.

فىرانسيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دالاي لاما خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش رايونلىرىنى سەزگۈر ۋاقىتتا زىيارەت قىلغان بولۇپ، مەركىزىي تىبەت مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى دالاي لامانىڭ 14-ئىيۇل ئەتىگەندە لاداخقا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ دالاي لامانىڭ خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم دارامشالادىكى تۇرالغۇسىدىن چىقىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشى ئىكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى بولسا دالاي لاما ئىككى كۈنلۈك سەپىرىدىن كېيىن لاداخقا يېتىپ بارغانلىقىنى، لاداختا بىر ئاي تۇرۇپ يەرلىكتىكى ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋەز ئېيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

دالاي لاما 1959-يىلى تىبەتنىڭ لاسا شەھىرىدىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن ھىندىستاننىڭ دارامشالادا مەركىزىي تىبەت مەمۇرىي ئورگىنىنى، يەنى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. ھىندىستاننىڭ سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دالاي لاما ۋە تىبەتلەرنى قوللىشى بېيجىڭ رېجىمى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن.

لاداخ جاممۇ كەشمىر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دالاي لاما لاداخنى ئاخىرقى قېتىم 2018-يىلى زىيارەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىمۇ خىتاي ئوخشاشلا ھىندىستانغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ھىندىستان بىلەن خىتاي 2020-يىلى 6-ئايدا لاداخنىڭ گالۋان ۋادىسىدا قانلىق توقۇنۇشقان بولۇپ، 20 ھىندىستانلىق ئەسكەر ئۆلگەن. ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ چېگرا ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەت قاتتىق جىددىيلەشكەن.

توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاي بىلەن ھىندىستان ھازىرغىچە 15 قېتىم قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، 13-قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن ۋەزىيەت قاتمال ھالەتكە كىرگەن. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدىنقى ھەپتە 20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قوشۇمچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ 16-نۆۋەتلىك قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتنى تېزدىن ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان. بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16-نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت 17-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق مۇھىم بىر پەيتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن، «تىبەت قارتىسى»نى ئويناپ، دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە يول قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 945 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2022 22:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق