شى جىنپىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-، 13-ئىيۇل كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا بىر قىسىم جايلارنى زىيارەت قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارادا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ خاتىرە كۈنىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شى جىنپىڭ 12-ئىيۇل تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان.

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى 12-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن باشلىنىپ، 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى، شۇنداقلا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى»نى كۈچەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەكشۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى جەريانىدا: «بىر بەلباغ، بىر يول تۈرىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ چەت-ياقا جاي ئەمەس، بەلكى يادرولۇق رايونغا، تۈگۈنلۈك جايغا ئايلاندى. سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىشلار، ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىلدى. تېخىمۇ تىرىشىڭلار...» دەپ جار سالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئورنىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېرى شۇكى، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە 12-ئىيۇل زىيارەتكە بارغان بولسىمۇ،  خىتاينىڭ ھەرقايسى ئورگان تاراتقۇلىرى 14-ئىيۇل كەچتە ئاندىن بۇ توغرۇلۇق خەۋەر تارقاتقان. يەنە كېلىپ بۇ ھەقتە ناھايىتى قىسقا خەۋەر يېزىلغان.

نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ جىمجىت ۋە تۇيۇقسىز ھالدا ئۈرۈمچىگە بېرىشى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەز ۋە ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1444 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2022 22:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق