خىتاينىڭ ئاخبارات يىغىنى ئېچىش كۆز بويامچىلىقى داۋاملاشماقتا

يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە پاكىتلىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ ھەقتە قانۇن تۇرغۇزۇپ جازا ئىجرا قىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېمبارگولىرى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاپ، جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 12-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمىتى» باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ، ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى»نىڭ باشلىقى قورچاق ئەمەلدار گۈلتۈرسۈن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماۋخۇي قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىن كەلگەن ئاتالمىش «ۋەكىللەر»نى قاتناشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار يالغان سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

ئۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قېلىپلاشقان ئىبارىلەرنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىدىن ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، قىز-ئاياللارنى دەپسەندە قىلىش، نوپۇس چەكلەش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ: «ھۆكۈمەت شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مەركىزىي رايون قىلىپ بېكىتىپ، رايوننىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۈردى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئالدىنقى ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. خىتاي بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ خىتاينىڭ سودا ئىشلىرىغا، خەلقئارا جەمئىيەتكە تەسىر قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ سۆز قىلىپ: «بىر نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى تولۇق، راۋان بولماقتا» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئىزچىل مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە يۇقىرىقىدەك ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى داۋاملىق ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 995 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2022 22:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق