خىتاي بۇ قېتىم تۇنىس خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق يىغىننىڭ بۇ قېتىملىقىدا تۇنىس خەلقىنى نىشانلىغان بولۇپ، يىغىن ئۈرۈمچى ۋە تۇنىستا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سىنلىق يىغىننى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن خىتاينىڭ تۇنىستىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا خىتاينىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جيەنگو، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئەمەلدارلىرىدىن سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرۇم ئىسمايىلقان، تۇنىسنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە بىر قىسىم ئاخبارات خادىملىرى قاتناشقان.

تور يىغىنىدا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدار نۇرۇم ئىسمايىلقان: «ھازىرقى شىنجاڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «زىيالىيلار، خىزمەتچى خادىملار، پاختىكارلارنى»دىن تەشكىللەنگەن يەتتە كىشىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا «ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش» نامىدا ئالدىن تەييارلانغان مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇلار سۆزلىرىدە: «بىز تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى ئازايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىش ئورنى يارىتىلدى. ھەر مىللەت خەلقى بەختلىك ۋە تىنچ مۇھىتتا ياشىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى تەكرارلاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان دەلىل-ئىسپاتلىق گۇۋاھلىقلىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئاشكارا بولغانلىقىنى، خىتاي يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتكەن تەقدىردىمۇ، كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، جىنايەتلىرىنى ھەرگىز يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2022 22:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق