ماشىڭرۈي قۇربان ھېيت ھارپىسىدا باستۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» ئەمەلدارلىرى 8-ئىيۇل قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسەت قىلىنغان بۇ يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن قاتارلىقلار قاتناشقان. دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپلەپ تەكىتلەپ، تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولۇپ، بارلىق ئىسلام دۇنياسى قۇربان ھېيتنى 9-ئىيۇل (شەنبە) تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى قۇربان ھېيتنى قەستەن بىر كۈن كەينىگە سۈرۈپ، 10-ئىيۇلغا بېكىتكەن. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىلمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش قاتتىق نازارەت ۋە چەكلىك شارائىت ئاستىدا ھېيت ئۆتكۈزگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئارقا سەھنىسىدىكى خەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلىشى، بىرمۇ ئۇيغۇرچە خەتنىڭ بولماسلىقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان ئاتالمىش «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى»نىڭ ئورگان تور بېكىتىدىمۇ بۇ يىللىق روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتقا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن يوللانمىغان.

ئىشغالىيەت تارىخىدىن بېرى تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن سىرت، خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن، نەچچە مىڭلىغان ئۆلىمالار تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۇزۇن يىل كېسىۋېتىلگەن.

بۇندىن ئىلگىرى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش پىلانىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ما شىڭرۈينى ئالماشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭمۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. خىتاينىڭ ھېيت كۈنىنى قەستەن بىر كۈن كەينىگە سۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولغان مەنىۋى باغلىنىشىنى ئۈزۈشكە ئۇرۇنۇشىمۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرەزلىرىنى ئىسپاتلىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2022 22:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق