خىتاي ئاتالمىش يېڭى دوكلاتى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش يېڭى دوكلات ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانچە كۈچەيدى. بۇ جەرياندا خىتايغا قارشى بىر تۈركۈم جازالار يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي رېجىمى بولسا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئەيىبلەش ۋە جازالارغا قارشى، ھىيلە-نەيرەڭ ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» 4-ئىيۇل ئورگان تور بېكىتىدە ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلغانلىقى ھەققىدە پاكىتلىق بايان» ناملىق دوكلاتنى خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغان.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئاتالمىش «تەتقىقات گۇرۇپپىسى»نىڭ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى 14 ناھىيە، شەھەرنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرگەنلىكى ۋە بۇ ئاساستا مەزكۇر ئاتالمىش دوكلاتنى تاماملىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمگەككە ئورۇنلىشىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن داۋاملاشقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق تۈرلۈك ناملاردا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەپسىلىي خەۋەرلىرى ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپلىگەن دوكلاتلىرى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان قورچاق ئەمەلدار زۇلھايات ئىسمائىل بۇ ھەقتە: «بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە، بارلىق تەتقىقاتچىلارغا، ئەقىل ئامبارلىرىغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلدۇق» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ بېكىتىلگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى قانۇن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەنلىكىنى، يالغان، توقۇلما دوكلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش خام خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرى ئارقىلىق كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2022 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق