ئۈرۈمچى قەتلىئامى خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقاندا خىتاي ئالىي ئەمەلدارىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 26-ئىيۇن شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى خاتىرىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى بېيجىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيورۇسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جاۋ لېجى 28-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئ‍اتالمىش «تەكشۈرۈش»تە بولغان ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

جاۋ لېجى زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىغا بارغاندىن سىرت، دىۋىزىيە رايونلىرىنىمۇ ئالاھىدە زىيارەت قىلغان. ئۇ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۈچلۈك تەرىقىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى سىڭدۈرۈش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى قايتا تىلغا ئالغاندىن سىرت، سىياسىي جەھەتتىكى نازارەتنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە بىر قىسىم جازالىرىغا دۇچ كەلسىمۇ، تۈرلۈك سۆز-ھەرىكەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئوخشاش ئالاھىدە بىر كۈن يېقىنلاشقاندا، خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشى دىققەت قوزغىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1033 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2022 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق