3-ئىيۇل ئىستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ھەمدە سىياسىي ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بۇندىن 13 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەييارلىغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
باياناتتا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى، يارىلانغان ۋە يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، خىتاي ئىشغالىيەتچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى، شېھىت بولغانلارنىڭ سانىنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نامايىشچىلار بايانات ئارىلىقىدا «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقالسۇن»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىش ئاخىرىدا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىمامى ياسىن تۇردى قارىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە شېھىتلەرگە ئاتاپ ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمە، جازا لاگېرلاردا يېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
2-ئىيۇل نورۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ شەھىرىدىمۇ ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىش پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇئەتتەر خانىم ئۈرۈمچى قەتلىئامى ھەققىدە ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى ۋە ياش پائالىيەتچى سىراجىدىن پەتقۇللاھ ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرى ھەققىدە قىسقا سۆز قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ