خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن 100 مىليون توننا بايلىقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان

خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن بىرى تۆمۈر يول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توشۇغان بايلىقنىڭ مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-ئىيۇن كۈنى سائەت 11دە، 2310 توننا كۆممىقوناق، خېمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان بىر نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، سىچۈەننىڭ لېشەن شىمالىي ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل شەرقىي  تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشقان.

خىتاي تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۈك توشۇش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولىنىڭ تىجارەت مۇساپىسى 9091.1 كىلومېتىرغا يەتكەن. نۆۋەتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى خىتايغا توشۇشتا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى» ۋە ئاتالمىش «لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى ئاساسىي يول قىلغان، لىنخې-قومۇل تۆمۈر يولىنى شىمالىي يول قىلغان، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنى جەنۇبىي يول قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىر ئاساسىي يول، ئىككى قوشۇمچە يول شەكىللەنگەن. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى-شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، ئاشلىق، خېمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى خىتايغا توشۇشنى كۈچلۈك تىرەك قىلغان.

بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق 33 مەركەز كارخانىسى ھەم شەرقىي تۈركىستاندىكى تايانچ كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېلىشىم بويىچە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ھەر يىلى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش مىقدارى 153 مىليون 450 مىڭ توننا بولۇپ، 2021-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش نىسبىتى %7.1 بولغان.

باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ھەر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىن 10 مىڭ ۋاگوندىن قاچىلاپ يۆتكىلىۋاتقان بايلىقلار كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىكەن. خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سالمىقىنى كۆپەيتكەن،  ئۇندىن باشقا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونىنىڭ پاختا، خېمىيە سانائىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى پويىزلارنى كۈتۈۋالىدىغان، يولغا سالىدىغان، گۇرۇپپىلايدىغان ئەڭ چوڭ «پورت» قا ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە يېقىندىن بىرى خىتاي ۋىرۇسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى كۈچەپ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقا باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1045 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق