خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا كۈچىمەكتە

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي بۇنىڭغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى ئاتالمىش «خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر»نى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى ئاستىدا قىرىلىپ كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇپ يەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتايغا ئوخشىمىغان تەرىقىدە جازا يۈرگۈزمەكتە. جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرگە قارشى، تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭ ۋە ساختا تەشۋىقاتلارنى ئىشقا سېلىش، ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنى ياللاپ، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئىيۇن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلغان، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئۈستىگە ئالغان ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش كاپالىتى ۋە گۈزەل تۇرمۇشى» تېمىسىدىكى تور يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەركىن شارائىتتا خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى جار سېلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

مەزكۇر يىغىنىغا يەنە بىرازىلىيە، پاكىستان، كامېرون قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئاقلىغان ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەۋاتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشنى ۋە تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1434 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2022 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق