تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر تاشيولدا قاتناش باشلاندى

30-ئىيۇن تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى تاشيول ـــ S254 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغان بولۇپ، خىتاي بۇ تاشيولنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ياسالغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىتلىكلەرنى تېز سۈرئەتتە ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا ھەمدە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە نېفىت-تەبىئىي گاز بۇرغىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئىيۇن تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى تاشيول، يەنى S254 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا قاتناش باشلانغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 334 كىلومېتىر، قۇملۇق يول بۆلىكى تەخمىنەن 307 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «13-بەش يىللىق پىلانى»دىكى تاشيول تورىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىن كورلىغا بارىدىغان قاتناش مۇساپىسىنى 350 كىلومېتىر قىسقارتىدىغانلىقى، يول يۈرۈش ۋاقتىنى 12 سائەتتىن ئالتە سائەت ئەتراپىغا چۈشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە: «لوپنۇر-چەرچەن تاشيولى تارىم ئويمانلىقىنىڭ نېفىت گېئولوگىيە زاپىسى مول بەلبېغىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. كەلگۈسىدە نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش، توشۇش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يول بۇ لىنىيە بويىدىكى ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تاشيولنى ياساشتىكى ھەقىقىي غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى مىليون توننىلاپ بايلىقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا قاتتىق نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1398 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2022 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق