ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەكشۈرۈش سالمىقىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاساسلىق خىتاي رېجىمى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق تەشكىلات، شەخسلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن ۋە سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ ماڭغان. بىر قىسىم ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى بۇندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى خىتايلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېلېفون ۋە ئېلخەت ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى ۋە تەكشۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات باش تەپتىش ئىشخانىسى يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتا خىتاينى نىشان قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان خىتايلارنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى ئەمەسلىكىنى، ئالاقىدار تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىرقىي سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقات ۋە ئوقۇش نامىدا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىش، مۇھىم شەخسلەرنى پارا بېرىپ سېتىۋېلىش، تور ھۇجۇمى قوزغاش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن قىممىتى غايەت بولغان زور ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ۋە ھەربىي، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ماس ھالدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1326 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2022 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق