47 دۆلەت ب د ت يىغىنىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك باستۇرۇش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى تېزدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ھەپتە جەنۋەدە باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-نۆۋەتلىك يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 14-ئىيۇن 47 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گوللاندىيە مەزكۇر باياناتنى 47 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان بولۇپ، گوللاندىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پول بېكېرس باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە خىتاي ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپلىگەن دوكلاتلارنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاياغ-ئاستى قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلىرى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان. شۇنداقلا خىتاي تەرەپمۇ ب د ت تەكشۈرۈش ھەيئىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك ۋە ھېچقانداق چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرىلغان.
خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى چېن شۈ يىغىندا مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «يالغان سۆزلەرنى تارقىتىپ، خىتايغا ھۇجۇم قىلغانلىق» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ سۆزىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ باياناتىنى يەنە بىر قېتىم سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتايدىكى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى»غا بولغان چۈشىنىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم