خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ھەققىدىكى سۆزلىرى خەلقئارانى ھەيران قالدۇردى

خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز رايونىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تەيۋەن تۇنجى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى رەت قىلغان.

خىتاي ئارمىيەسى يېقىندىن بېرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەلقئارالىق دېڭىز رايونىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ مەيدانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان قانۇنىدا خەلقئارالىق دېڭىز رايونى دەيدىغان نەرسە يوق. قىسمەن دۆلەتلەر تەيۋەن بوغۇزىنى خەلقئارالىق دېڭىز رايونى دەپ ئاتاپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا» دەپ جار سالغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خەلقئارالىق دېڭىز رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە باشقا دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ يول باشلاش ئەركىنلىكى ۋە مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ۋە دائىم تەيۋەن بوغۇزىدىن پاراخوتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى ھەر يىلى شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز ئارىسىدىكى سەپەر جەريانىدا يىلدا بىر نەچچە قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا بىر قېتىم ئۆتكەن. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ يىل كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن.

دېڭىز-ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بولغان تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا باغلىق بولغان ياپونىيە ھۆكۈمىتى 14-ئىيۇن باياناتچىسى ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ياپونىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «تەيۋەن بوغۇزى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە رايوندىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى، تەيۋەن بوغۇزى خىتاينىڭ تەيۋەنگە بېسىم قىلىدىغان ۋە ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىدىغان دېڭىز رايونى ئەمەسلىكىنى، بەلكى خەلقئارالىق دېڭىز رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1195 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2022 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق