ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايغا چېتىشلىق بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئون يىلدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيەدە تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «قاراۋۇل تەجرىبىخانىسى» ناملىق بىر تەتقىقات ئورگىنى 9-ئىيۇن يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئاۋچىن ئەجدىھاسى» نامىدىكى خىتاي خاككېرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكىتى كەم دېگەندە 2013-يىلى باشلانغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئاساسلىقى سىنگاپور، خوڭكوڭ، ۋىيېتنام، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ۋە تېلېگرافقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى نىشان قىلغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسى تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ۋە شۇنداقلا ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ سىياسىي ئىشلىرى، شەھۋانىي مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ، ئابۇنىتلارنى يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار توشۇلغان ھۆججەتلەرنى ئېچىشقا قىزىقتۇرغان ۋە كىشىلەرنىڭ تور ھۇجۇمىنى بايقاپ قېلىشىدىن ئۆزىنى ئۈنۈملۈك قاچۇرغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل خاككېرلىق ھۇجۇمى بىر دۆلەتتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنى نىشانلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانى خىتاينىڭ سىياسىي مەنپەئەتى بىلەن زىچ ماسلىشىش بولۇپ، يىللاردىن بېرى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ