خىتاي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەلىپىنى رەت قىلدى

خىتاي رېجىمى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا «تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرى گۇرۇپپىسى» ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

خىتاي رېجىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تارماق تەشكىلاتى بولغان خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا «تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرى گۇرۇپپىسى» ئەۋەتىپ، رايوندىكى ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنى، ئەمگەك مۇھىتىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي كومىتېتنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە قېلىپلاشقا يالغان سۆزلىرىنى تەكرارلاپ: «خىتاي خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدىكى بىر تارماق كومىتېت 9-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش مۇھىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى كارخانىلارغا ئاتالمىش «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» ۋەزىپىسىنى مەجبۇرىي تېڭىش قىلمىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.

كومىتېت باياناتىدا يەنە خىتاينى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئەمگەك شارائىتىنى باھالىشىغا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئەمگەك سىياسىتىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە ماسلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇندىن باشقا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى يەنە خىتاي رېجىمىنى بۇ يىل 9-ئايغىچە كومىتېتقا بۇ ھەقتە بىر دوكلات تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە تاراتقۇ ئورگىنى بىلۇمبېرگنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئەمما خىتاي يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ پەقەت خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ، جازا لاگېرلارنىڭ پەقەت «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمگەك ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن. شۇنداقلا بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي رېجىمى خەلقئارالىق «مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى»گە قول قويۇشنى قارار قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ قارارىغا «خىتاينىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى، ھەرگىز ئەمەلىي ئىجرا قىلىنمايدۇ» دەپ باھا بېرىلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 959 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2022 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق