ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا 9-ئىيۇندىن تارتىپ باشلانغان خەلقئارا 5-نۆۋەتلىك ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيىتى خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ يىللىق ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمى پائالىيىتى جەمئىي تۆت كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىرلىكتە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە ئۆيى ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.
ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمى پائالىيىتىگە ھەر قايسى ياشتىكى زىيارەتچىلەرگە ماس كېلىدىغان ئويۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرنى كۆرگەندىن سىرت، ئوقيا ئېتىش، ئات مىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە ئويۇنلارنى ھەقسىز ئويناش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ نۆۋەتلىك ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمىدا بالىلار پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بالىلار ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە ئويۇنلارنى ئويناپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆيىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، ئۆي-سەرەمجانلىرى ۋە ھەر خىل سەنئەت بۇيۇملىرى تىزىلغان بولۇپ، ئۈچ كۈن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئۆيىنى تۈركىيە ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان زىيارەتچىلەر زىيارەت قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى زىيارەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.
پائالىيەت جەريانىدا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ ئوغلى، تۈركىيە ياشلار ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى ۋەقفىنىڭ مۇتىۋەللى ھەيئەت ئەزاسى بىلال ئەردوغانمۇ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئۆيىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان ۋە زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ خاتىرە قالدۇرغان.
خەلقئارالىق ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمى پائالىيىتىدە 30 دۆلەتتىن كەلگەن ماھىرلار ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەرخىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا زىيارەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەر سۇنۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ