ئىستانبۇلدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلى كايا ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باش مەسلىھەتچىسى ياسىن ئاقتايمۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، مەخسۇس سۆز قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەر ساھەدىن كەلگەن چەت ئەللىك مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلى كايا يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىللىگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى سىياسىي ئىستىبداتلىق ۋە ھەرخىل زۇلۇم، تەڭسىزلىكلەر سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى، يېقىندىن بېرى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن سۇرىيە، ئىراق، ئافغانىستان، پەلەستىن، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق ئەللەردىن ھىجرەت قىلغان كىشىلەرنىڭ 82 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، بىر مىليون ئەتراپىدىكى بوۋاق ۋەتەنسىز بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېغىر كۈنلەر ۋە تىراگېدىيەلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تارىختىن بېرى مۇھاجىرلار ئۈچۈن بىخەتەر پاناھلىنىدىغان ئورۇن بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيەگە مەنىۋى جەھەتتىن يېقىن بولغىنىدەك، جۇغراپىيە جەھەتتىن يېقىن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن بىر دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى، بىر ئىرق، بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ۋىجدانىمىزنى ئازابلايدىغان ئېغىر كۈنلەرگە باشقىلار سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ، بىز زۇلۇمغا رازى بولۇپ ئولتۇرمايمىز. سىلەر تۈرك بولغانلىقىڭلار، مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن يۇرتۇڭلاردىن قوغلاندىڭلار، تۈرلۈك باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلدىڭلار، ئۆلۈمدىن قورقماستىن كىملىكىڭلار ۋە ئەقىدەڭلاردىن ۋاز كەچمەي ھىجرەت قىلدىڭلار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ ئىستانبۇلدا بىر مىليون 300 مىڭ مۇھاجىر بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە پاناھلانغان تۈرك سىستېمىسىدىكى خەلقلەرگە ھەرۋاقىت ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى، قەرەلسىز ئىقامەت بېرىشتىمۇ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قولايلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرك پۇقرالىقىغا ئېلىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن، زەيتىنبۇرنۇ جەۋىزلىباغدىكى نوپۇس مۇدىرلىقىغا بىر بۆلۈم قۇرۇپ چىقتۇق، بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنى تۈرك پۇقرالىقىغا ئېلىش خىزمىتى داۋام قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ۋەتىنىدە ياشىغاندەك ھېس-تۇيغۇدا ياشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇندىن باشقا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللىگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا ئەلى يەرلى كايا ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرۈلۈپ، خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ