شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان «خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى» 12-ئىيۇن كەچتە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى 10-ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغاندىن سىرت، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئۆلىمالار، دەۋەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە ھەرخىل نۇقتىلار بويىچە تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا ئىسلام دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە مۇتەپەككۇر ئالىملار، دەۋەتچىلەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغى، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئىسام ئەلبەشىر، مولدوۋا دىنى ئىشلار مىنىستىرى، مەشھۇر ئۆلىما تارىق سۇۋەيدان، مالايشىيا كەلانتان ۋىلايىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ئابدۇللاھ ياقۇب، كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ۋەلىد تابتابائى، ئامېرىكىدىن كەلگەن قانۇن پىروفېسسورى دوكتور خالىد بەيدۇن... قاتارلىق كۆپلىگەن ئەربابلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، يەنە 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا روياپقا چىقىرىلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇھىم پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ھەرقايسى ئۆلىمالار خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئىسلام ئالىملىرىغا ئەتراپلىق تونۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان مەشھۇر ئۆلىمالارمۇ نۇتۇقلىرىدا بىردەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىسلام تۇپراقلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تۇپراقنىڭمۇ پەلەستىنگە ئوخشاشلا قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى، شۇنداقلا يىغىن داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا مۇھاكىمە يىغىنىدىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالىم-ئۆلىمالار، سىياسىيونلار، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئاخباراتچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلىرىنى مۇلاھىزە قىلدى ۋە مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلى كايا ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باش مەسلىھەتچىسى ياسىن ئاقتايمۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئالاقىدار مۇھاكىمىلەر، تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان مەزمۇندا بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خىتاي دەپسەندە قىلىۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلماسلىققا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشقا، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشكە، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى تەشكىللەشكە ۋە خىتاينىڭ تۈرلۈك ئالدام خالتىلىرىغا چۈشمەسلىككە چاقىردى.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنى جازا لاگېرىغا قاماش قاتارلىق ۋەھشىيانە جىنايەتلىرى ئەيىبلەنگەندىن سىرت، مۇھاكىمە يىغىنغا قاتناشقان ئەربابلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا تۇتۇپ، يىغىلىش، لېكسىيە ۋە مەسلىھەت يىغىنلىرىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەرخىل سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقى، ئۇلارغا ئىگە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق مەكتۇپى ئەۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەزكۇر يىغىننى ئەسلىدە ئۈچ يىل بۇرۇنلا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى سەۋەبلىك، ئىزچىل كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە مۇھىم بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ