پاكىستانلىق ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا پىداكارلىق بىلەن قارشى چىقتى

ئالدىنقى ھەپتە پاكىستاننىڭ دۆلەتلىك ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتايلارنىڭ دۈەنۋۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پاكىستانلىق بىر ئوقۇغۇچى پائالىيەت زالىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 10-ئىيۇن خىتايلارنىڭ دۈەنۋۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي تىلى مەركىزى بىلەن خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مەركىزى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، خىتاي ئەلچىسى ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەكلىپ قىلىنغان.

پائالىيەتكە كۆرۈرمەنلەر قاتارىدا قاتناشقان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى، پاكىستانلىق ياش مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغاندىن سىرت، خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرى قويۇلغاندا، كەينىنى قىلىپ تۇرغان بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە ۋە جىنايەتلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھەممەد ئوسمان ئەسەد بۇ ھەقتە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا بۇندىن بۇرۇن ھەرقانداق بىر پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىدىكەن. ئەمما بۇ قېتىملىق پائالىيەت بولسا خىتايچە شېئىر ئوقۇش بىلەن باشلانغان. پائالىيەتتە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى ئويناش، خىتايچە ناخشا ئېيتىش، خىتايلارنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلانغان بولۇپ، خىتايلار يېتىشمىگەچكە، بىر قىسىم پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلار خىتايچە كىيىنىپ، نومۇر ئورۇنلاشقا ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ناخشا ئوقۇلغاندا ئېكرانغا چىقىرىپ قويۇلغان ۋىدىيولاردا بىر قىسىم ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەر بار بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە پاكىستان خەلقىگە نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدىكەن.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىققا قاتتىق تىرىشقان ۋە ئۇنىڭ يېنىغا بىر نەچچە مەسئۇل كىشىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويغان. پائالىيەتتىن كېيىن بىر قىسىم خىتايلار ئۇنىڭدىن بايراق ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مۇھەممەد ئوسمان ئەسەدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ساۋاقداشلىرى ئاۋارىچىلىقتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئۇ ھازىرغىچە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە دېمىگەنلىكىنى، ئەگەر دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارەت جەريانىدا يەنە پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئىسلامىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تارقىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ زىچ ئىقتىسادىي باغلىنىشى سەۋەبلىك، پاكىستان دائىرىلىرى ۋە ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭدىن چوڭراق ھەرىكەت قىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پاكىستاندا ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، پاكىستان ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا قاتتىق بېقىنىپ قالغان بىر پەيتتە، بۇ پىداكارلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1493 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2022 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق